باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تۈرلەرنى باھالاش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، ئاپپاراتلارنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى

2018.07.04 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «تۈرلەرنى باھالاش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، ئاپپاراتلارنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە پەن-تەتقىقات تۈرلىرىنى باھالاشنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باھالاشنى نازارەت قىلىش ۋە پەن-تەتقىقات سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  تۈرلەرنى باھالاش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، ئاپپاراتلارنى باھالاش(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈچنى باھالاش» دېيىلىدۇ) ئىسلاھاتى پەن-تېخنىكىنى باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. «پىكىر»نىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشنى يادرو قىلىپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سەمىمىي پەن-تېخنىكىنى باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى نىشان، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى باھالاش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، ئاپپاراتلارنى باھالاشنى ئىسلاھ قىلىشنى ئاچقۇچ قىلىپ، تەبىئىي پەن ۋە پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان پەنلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تۈرگە ئايرىپ باھالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باھالاشنىڭ يېتەكچىلىك ۋە كۆرسەتكۈچلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدىغان، زور نەتىجە يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان پەن-تەتقىقات مۇھىتىنى يارىتىپ، جۇڭگوچە پەن-تېخنىكىنى باھالاش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە دۇنياۋى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشىنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر