باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.07.04 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھەرىكەت پىلانى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئىدىيەسى، ئاساسىي نىشانى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە كاپالەت تەدبىرىنى بېكىتىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى ۋە لۇشيەن خەرىتىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «ھەرىكەت پىلانى»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئومۇمىي خەلق ئورتاق تۈزەش، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلار، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى، فېنخې-ۋېيخې تۈزلەڭلىكى قاتارلىق رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىساد، قانۇن، تېخنىكا ۋە زۆرۈر مەمۇرىي ۋاسىتىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، مۇھىت ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت كۆپ جەھەتتىن يېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  «ھەرىكەت پىلانى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدىغان ئاساسلىق بۇلغىمىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ماس قەدەمدە ئازايتىپ، ئۇششاق دانچە ماددا (PM2.5)نىڭ قويۇقلۇقىنى يەنىمۇ كۆرۈنەرلىك چۈشۈرۈپ، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانىنى كۆرۈنەرلىك ئازلىتىپ، مۇھىت ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، خەلقنىڭ كۆك ئاسمان بەخت تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش كېرەك. 2020-يىلىغا بارغاندا، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ئازوت ئوكسىدنى قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى 2015-يىلدىكىدىن %15تىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىش؛ PM2.5سى ئۆلچەمگە يەتمىگەن ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ PM2.5 قويۇقلۇقىنى 2015-يىلدىكىدىن %18تىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىش، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولۇش كۈن سانى نىسبىتىنى %80كە يەتكۈزۈپ، ئېغىر دەرىجىدە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتىنى 2015-يىلدىكىدىن %25تىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر