باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ياخشى ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياخشى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2018.07.04 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، بولۇپمۇ چىڭداۋ شەھىرى بۇنىڭغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشتى، مۇلازىمەت كاپالەت خىزمىتى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، كۆڭۈل قويۇپ تەپسىلىي ئىشلىنىپ، دۇنياۋى سەۋىيە نامايان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ سالاپىتى، شەندۇڭنىڭ ئۇسلۇبى، چىڭداۋنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بارلىق كادىرلار، ئاممىدىن ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش چىڭداۋ ۋە شەندۇڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، «بىر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، بىر شەھەرنى جانلاندۇرۇش»تەك پايدىلىق تەجرىبىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ياخشى ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياخشى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئېففېكتىنى زورايتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنى 9-ئىيۇندىن 10-ئىيۇنغىچە شەندۇڭنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا كۆپەيتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنى، 12 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى ياكى ھۆكۈمەت باشلىقى، ئون خەلقئارا تەشكىلات ياكى ئاپپاراتنىڭ مەسئۇللىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، تىزىمغا ئېلىنغان چەت ئەللىك مېھمان 2000دىن، زىيارەت قىلىشقا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىر 3000دىن ئاشتى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 23 پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇپ ۋە ئىمزا قويۇلۇشقا شاھىت بولۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ھاسىل قىلدى، بۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، نەتىجىسى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر