باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مېركىل چېگرا رايوندا «ئۆتەڭ پونكىت» قۇرۇش توغرىسىدا ئىتتىپاقدىشى بىلەن مۇرەسسە قىلدى

2018.07.04 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە زۇڭلىسى ئانگېلا مېركىل رەھبەرلىكىدىكى خىرىستيان دېموكراتىك ئىتتىپاقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھورېست زىخوفېر رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى خىرىستيان سوتسيالىستلار ئىتتىپاقى بىلەن 2-ئىيۇل كەچتە نەچچە سائەت جىددى كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، مۇرەسسە تۈزدى: مېركىل چېگرا رايوندا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش «ئۆتەڭ پونكىتى» نۇقتىسى قۇرۇشقا قوشۇلدى، زىخوفېر ئىستىپانامىسىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ مۇرەسسە بىلەن خىرىستيان دېموكراتىك ئىتتىپاقى ۋە خىرىستيان سوتسىيالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ 70 يىلغا يېقىنلاشقان ئىتتىپاقداش مۇناسىۋىتىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. بۇ كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ گېرمانىيە، ھەتتا پۈتكۈل ياۋروپا سىياسىي سەھنىسىدە ئىچكى نىزا پەيدا قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بۆلۈنۈش ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  زېخوفېر 1-ئىيۇل كەچتە ئىستىپانامە سۇنغان بولۇپ، بۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى بولغان خىرىستيان سوتسيالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كىرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىرىستيان دېموكراتىك ئىتتىپاقى ۋە خىرىستيان سوتسيالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر 2-ئىيۇل ئايرىم يىغىن ئېچىپ، شۇ كۈنى كەچتە پايتەخت بېرلىندا جىددى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مۇرەسسە قىلماقچى بولدى.

  سۆھبەت بەش سائەت داۋاملاشتى، شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە كېلىشىم تۈزۈلدى: ھۆكۈمەت ئاۋستىرىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان زېمىندا «ئۆتەڭ پونكىت» قۇرۇپ، گېرمانىيەگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردە مۇساپىرلار ئىلتىماسىنى تاپشۇرغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىىڭ باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان قايتۇرۇش تەرتىپىنى كۈتىدۇ.

  ئاۋىسترىيەنىڭ شىمالى گېرمانىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، كۆپلىگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئاۋىستىرىيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن داۋاملىق شىمالغا مېڭىپ، گېرمانىيەگە كىرىدۇ.فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ خىل ئۆتەڭ پونكىتى خەلقئارا ئايروپورتنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش رايونىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، كۆچمەنلەر گېرمانىيەگە چېگرادىن كىرگەن ھېسابلانمايدىكەن، بۇنداق بولغاندا قايتۇرۇۋېتىش ئاسان بولىدىكەن.

  زىخوفېر ئىلگىرى چېگرا رايوندا ئاۋۋال باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە تىزىملىتىپ بولغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى توسۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، مېركىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا بىرلىككە كەلگەن ئىختىيارىي پىرىنسىپ «ياۋروپا لاھىيەسى» ئوخشاش كۈچكە ئىگە دەپ قارىغان، زېخوفېر بۇنىڭغا قوشۇلمىغان.

  كېلىشىم تۈزۈلگەندىن كېيىن، زىخوفېر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە خىرىستيان سوتسيالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەيدىغانلىقىنى بېكىتتى.

  «بۇ نەتىجىسى ئىنتايىن ياخشى مۇرەسسە بولدى»، مېركىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا شۇنداق دېدى. «ئۆتەڭ پونكىت» تەسىس قىلىش دۆلەت ئىچكى تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەمراھلار بىلەن كۆچمەنلەر سىياسىتى توغرىسىدا داۋاملىق ھەمكارلىشالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر