باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ئالدىدا ئامېرىكا ۋە رۇسىيە قىرىم مەسىلىسىدە «تالاش-تارتىش» قىلدى

2018.07.04 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئاقساراي ئاخبارات كاتىپى سارا ساندېرس 2-ئىيۇل: قىرىم رايونىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇۋېلىنغانلىق مەسىلىسىدە، ئامېرىكىنىڭ ئېتىراپ قىلماسلىق مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ، دېدى. ساندېرس قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، رۇسىيە قىرىمنى ئۇكرائىناغا قايتۇرۇپ بەرمىسە، ئامېرىكا رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى بىكار قىلمايدۇ، دېدى.

  ساندېرسنىڭ دېگىنى بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ سۆزىدە كىچىككىنە پەرق بار. مۇخبىرلار 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ترامپتىن «قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇۋېلىنغانلىقى» ۋە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى جازالاشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ياكى قالدۇرمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ترامپ «قاراپ باقىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

  ترامپ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 7-ئاينىڭ 16-كۈنى فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدا كۆرۈشىدۇ. ئىككىسىنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ۋە قىرىم مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى دىمىترى پىسكوف 2-ئىيۇل مۇخبىرلارغا: ئىككى رەھبەر ئاتالمىش قىرىمنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدىن باشقا بارلىق ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ، دېدى.

  بۇ باياناتچىنىڭ سۆزى بويىچە، پۇتىن ئىككى تەرەپ سۆھبەت كۈنتەرتىپىگە قىرىمنىڭ ھەرگىز، مەڭگۈ كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇ رۇسىيەنىڭ «ئايرىلماس بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

  2014-يىلى مارتتا، قىرىم رايونى پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ، رۇسىيەگە قوشۇۋېتىلدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى «قىرىم»نى قانۇنسىز يۇتۇۋالدى، دەپ ئەيىبلەپ، كۆپ قېتىملىق جازالاشنى يولغا قويدى. رۇسىيە ئارقىدىن مۇناسىپ جازا قوللىنىپ، قايتۇرما زەربە بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر