باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى-كورلا-چاقىلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى كۈنىگە بىر قېتىم قاتناشقا كۆپەيتىلىدۇ

2018.07.02 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، كورلا ئايرودۇرۇمى ئۈرۈمچى-كورلا- چاقىلىق ئارىسىدا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىدۇ، ئەسلىدىكى ھەر ھەپتىدە تۆت قېتىم قاتناشتىن كۈندە بىر قېتىم قاتناشقا كۆپەيتىلىدۇ.

  7-ئاينىڭ 1-كۈنى، كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئايروپىلاننىڭ نۆۋەتچى قېتىم نومۇرى CZ6679/80 بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن 15:00دە ئۇچۇپ، 16:05تە كورلىغا قونىدىكەن، كورلىدىن 16:50تە ئۇچۇپ، 17:45تە چاقىلىققا يېتىپ بارىدىكەن، 18:30تا چاقىلىقتىن ئۇچۇپ، 19:20دە كورلىغا يېتىپ بارىدىكەن، 20:10دا كورلىدىن ئۇچۇپ، 21:05تە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن. ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى E190 تىپلىق ئايروپىلان ئىجرا قىلىدىكەن، 97 ئورۇن بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت خىزمىتى ئورنىدىن ئالتىسى، مەرۋايىت ئەرزان باھالىق بۆلۈمچىسىدىن 15 ئورۇن، ئەرزان باھالىق بۆلۈمچىدىن 76 ئورۇن بار ئىكەن.

  كورلا ئايرودۇرۇمىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چاقىلىق ئايرودرومىدا 2018-يىلى 3- ئاينىڭ 29-كۈنى ئايروپىلان قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، شۇ جايدا رايون قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئوبوروت مەركىزى بەرپا قىلىنىپ، ئىچكى-تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان قاتناش ئۇل كاپالىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، رايون رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان.

  بۇ قېتىم قاتناش لىنىيەسى زىچلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە بىر قېتىم قاتناشنىڭ يولغا قويۇلۇشى يولۇچىلارنىڭ يازلىق سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، ئۈچ جاينىڭ ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر