باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر تىرىشىپ پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2018.07.05 16:33   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر تىرىشىپ پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى 3-ئىيۇلدىن 4-ئىيۇلغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيەمىزنىڭ چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىشىدىكى ئاچقۇچ ــــ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت. ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇ ئىچىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتۇر. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەمىز جەزمەن ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي لۇشيەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ توپلاپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم ئىقتىدارلىق بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قابىلىيەتلىكلەرنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ھەم نەزەرىيەۋى لۇشيەن، ھەم ئەمەلىي لۇشيەن بولۇپ، ئۇنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىدە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى قەتئىي نىيەت، قەيسەر ئىرادە بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىدە، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش بىلەن تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى ئىدارە قىلىشقا تەڭ كۈچەشتە، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئاساسنى پۇختىلاشتا، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇردى، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى روشەن كۈچەيدى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قىلغان ئۇلۇغ ئىنقىلابى ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت بىزنىڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بىز قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىي نەتىجە ۋە نەزەرىيەۋى نەتىجىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز، راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر