باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقى 31-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ تېلېگرامما ئەۋەتتى

2018.07.02 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئىيۇل ماۋرىتانىيەنىڭ پايتەختى نوۋاكشوتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 31-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىدىكى بايراق. ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى پائال ئىلگىرى سۈردى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدە داۋاملىق بىر خىل ئاۋازدا سۆزلەپ، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى يېتەكلەپ توختىماي يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل 9-ئايدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىندا «ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن باش تېما قىلىنىدۇ، جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسىنى جۇڭگو-ئافرىقا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ب د ت نىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063-يىل قارالمىسى» ۋە ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەن ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق تەرەققىيات چوڭ پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر