باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلدى

2018.06.28 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئىيۇن سائەت 11دە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپىراتۇرا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلدى. بۇ، 2018-يىلى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان تۇنجى يۇقىرى تېمپېراتۇرا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ھېسابلىنىدۇ.

  مۆلچەرلىنىشىچە، 27-ئىيۇندىن 29-ئىيۇنغىچە، تۇرپان شەھىرى ۋە بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقى قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن، بەزىبىر رايونلاردا 40 سېلسىيە گىرادۇستىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن.

  28-ئىيۇن كېچىدىن 29-ئىيۇن كۈندۈزگىچە، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق بىر قىسىم جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر