باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ فىرانسىيە زۇڭلىسى بىلەن بىللە جۇڭگو-فىرانسىيە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2018.06.27 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 25-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭلىسى فىلىپ بىلەن بىللە جۇڭگو-فىرانسىيە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ياسىمىچىلىق، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلىرىدىن كەلگەن 30 نەچچە كارخانىنىڭ مەسئۇلى يىغىنغا قاتناشتى. ئىككى تەرەپ كارخانىچىلىرى جۇڭگو-فىرانسىيەنىڭ ئىقتىساد، سودا مەبلەغ سېلىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلدى. ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى كارخانىچىلار ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى ۋە ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئورناتقان، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىشىش ئاساسى، كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى مەڭگۈ تاقالمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىنىڭ ئۆزى ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يەنە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىغا تەرەققىيات پۇرسىتى ئاتا قىلىدۇ. فىرانسىيە كارخانىلىرىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر