باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس بىلەن كۆرۈشتى

2018.06.28 15:11   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-ئىيۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر راۋاجلىنىپ، دۆلەتلەر ئارا بىر–بىرىگە تايىنىش تېخىمۇ قويۇقلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو خەلقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشى كېرەك، ئەمما بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىمىز، كېڭەيمىچىلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىك يولىدا ماڭمايمىز، شۇنداقلا دۇنيادا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلمايمىز. جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىللىق تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلانسا، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كەڭ ساھەلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق نۇقتىسى ئىختىلاپتىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىپايان تىنچ ئوكيان جۇڭگو–ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ۋە باشقا دۆلەتلەرنى سىغدۇرالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈش بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئىختىلاپلاردىنمۇ ئۆزىمىزنى قاچۇرمايمىز. جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە، بىزنىڭ پوزىتسىيەمىز قەتئىي ھەم ئېنىق، ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئالقانچىلىك زېمىنىمىزنىمۇ قولدىن بەرمەيمىز، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنىمۇ قىلچە كېرەك قىلمايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىككى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلانماقتا. قەدىمدىن تارتىپ، ھەربىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس. ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئەندىشىنى تۈگىتىپ، خاتا چۈشەنچە، خاتا ھۆكۈم ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ئىككى ئارمىيەنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ–خەتەرنى تىزگىنلەپ، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچىسى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپات…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئەسكەرلىك بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەشكە 320 كىشى قوبۇل قىلىدۇ 
    ·بېيجىڭدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى قاراقاشتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدى
    ·شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغداش 
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان 9 مىليون 750 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مەدەت بېرىش ئۇسۇلى توردا مودا بولد…
    ·2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى كۆرۈنۈشلەر
    ·شىنجاڭدا بۇ يىل 207 مىڭ 400 كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پاش قىلىش تېلېفونىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلدى