باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: يان تېلېفوننى دېھقانلارنىڭ «يېڭى دېھقانچىلىق قورالى»غا ئايلاندۇرۇش كېرەك

2018.06.28 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 27-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، «ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىكى»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بازارنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، «ئالاقە تورى +»غا تايىنىپ ھەر خىل كەسىپلەشكەن ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇشنىڭ تېخىمۇ دەل، ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىليونلىغان دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆزگىرىشچان چوڭ بازار بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچى، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا كەڭ قوللىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئەلا نەسىلنى يېتىشتۈرۈش، ئېتىز پەرۋىشى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يىغىپ ساقلاش قاتارلىق ھالقىلارنى چۆرىدەپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەشيا تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئەشيا تورىنى رايون بويىچە سىناق قىلىش دائىرىسى، كۆلىمى ۋە مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسىپ زەنجىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، «ئالاقە تورى +» دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يېزىدىن چىقىرىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ دېھقان ئائىلىسى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىنى، يېزا كەڭ بەلباغلىق تورى، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى «سېتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەر قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەت، ياخشى باھا بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. توردا سېتىلىدىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەر خىل يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزىلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» تەرەققىياتىنىڭ كۆپ خىللىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېزىلاردا چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى قاتارلىق مېخانىزملار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، دېھقانلارنى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يان تېلېفوننى دېھقانلارنىڭ «يېڭى دېھقانچىلىق قورالى»غا ئايلاندۇرۇپ، ئالاقە تورىنى يېزىلارنىڭ 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغان مۇھىم ئەسلىھەسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر