باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى بەش ئايلىق سانلىق مەلۇماتتا مەلۇم بولۇشىچە ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلىغان

2018.06.27 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، سۈپەت ئۈنۈمىنىڭ كۆرسەتكۈچى ياخشى بولغان، يېڭى تۈرتكە تېز يېتىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشىلىنىپ، مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشى تېز بولغان، ئۈچ چوڭ جەڭدىمۇ پائال نەتىجىگە ئېرىشكەن. بۇ جۇڭگو ئىقتىسادى يۈرۈشىشىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقى، ماسلىشىشچانلىقىنىڭ ئېشىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ گەۋدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىشىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئاتلىنىش قەدىمىنى ياخشى باسقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  جۇڭگو ئىقتىسادى ھازىر يېڭى-كونا ئېنېرگىيەنىڭ ئالمىشىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېڭى كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تۈرتكە بولۇپ يېتەكلەش رولى ئاشتى. ئايرىش ماشىنا ئادىمى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىش، يۈز قىسمىنى پەرقلەندۈرۈپ چىقىم قىلىش قاتارلىق يېڭى تېخنىكلار تەدرىجىي باش كۆتۈرۈپ، «ئالاقە تورى +» ھەر قايسى ساھە، كەسىپلەر بىلەن چوڭقۇر بىرىكىپ، تور سودىسى، سۇپا ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭى كەسىپلەر تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، بىۋاسىتە ئوقۇتۇش، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەر ئاستا-ئاستا گۈللىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، زور بىر تۈركۈم يېڭى بازار سۇبيېكتى بارلىققا كېلىپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلار 2 مىليون 650 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %12.3 ئاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر