27- ئىيۇن تارتىلغان شياڭگاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق مۇلازىمەت بىناسىدىكى بالىلارنىڭ شادلىق باغچىسى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، شياڭگاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شياڭگاڭدىكى بىر تۇنجى مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شياڭگاڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ بۇ يىل 4- پەسىلدە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى، بۇنىڭدا، بالىلار ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ۋە بالىلار بۆرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىقلارنىڭ مەخسۇس ئامبۇلاتورىيەسى مۇلازىمەت قىلىشنى ئەڭ ئاۋۋال باشلايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى جاكارلىدى. شياڭگاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى بولسا، شياڭگاڭ جيۇلۇڭ چىدې تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇشى 2013- يىلى باشلىنىپ، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتكەن. دوختۇرخانىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 165 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، ئۇنىڭدا 11 قەۋەتلىك بىنادىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئۇ بىنالار كىشىلەرنى 468 كىشىلىك بالنىستتا يېتىش كارىۋىتى ۋە كۈندۈزلۈك ۋاقىتلىق كېسەل كارىۋىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى