باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر پاكىستانلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2018.06.27 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 6– ئاينىڭ 25– كۈنى كەچتە پاكىستان ھەققانىيەت ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ كادىرلار تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ھەمدە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان بولسا، توسالغۇسىز ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتىكى ھەمراھلار بولۇپ، ئۇلار ياخشى قوشنىلاردىن ۋە ياخشى ھەمراھلاردىن ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ بولسا، جۇڭگو – پاكىستان ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، يوشۇرۇن كۈچىمۇ زور. ھازىر، جۇڭگو شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پاكىستان بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو–پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشىدۇ. مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىشىشى ۋە ئالاقىلىشىشى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئۇنىڭدىن تەڭ پايدا ئالغۇسى.

  پاكىستان ھەققانىيەت ھەرىكىتى پارتىيەسى رەئىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى، مۇئاۋىن باش شۇجىسى سەردار ۋاداق مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو شىنجاڭدا تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى، ئىتتىپاق–ئىناق بولغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، ئۆزگىچە مەنزىرە ۋە چەكسىز تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆردۈم. مەن ئىككى تەرەپنىڭ بايلىق ۋە رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر