خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 25-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېلىمىزگە رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن فىرانسىيە زۇڭلىسى فىلىپ بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-فىرانسىيە ئوخشاشلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشقا، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنشىنى قوغداشقا پايدىلىق. بۇ يىل 1-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن زۇڭتۇڭ ماكروننى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق تەرەققىياتىنى پىلانلىدى. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن ئۆز ئارا ئىشەنچنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم، ھاياتىي كۈچكە باي جۇڭگو-فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى