باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

6-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2018.06.26 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئاساسى تېمىسى «بىر بەلباغ، بىر يول، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش».

  شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىر ئاساسىي مۇنبەر بولۇپ، ئۇنى بەش مىنىستىر دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي مۇنبەر يىغىنى جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇنبىرى بولۇپ، بۇ يەردىكى بەش مىنىستىر دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى بولسا، «بىر بەلباغ، بىر يول» پۇل مۇئامىلە مۇنبىرى، «بىر بەلباغ، بىر يول» توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك مۇنبىرى، «بىر بەلباغ ، بىر يول» خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق مۇنبىرى، «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا-سانائەت مۇنبىرى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» بىڭتۈەن ئېچىۋېتىش دېگەندەك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىن ئىبارەت.

  مۇنبەر پائالىيىتى «سىياسىي جەھەتتە ئالاقە ئورنىتىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش» قاتارلىق جەھەتلەردىكى باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا، يېزا ئىگىلىك، پەن-تېخنىكا، قاتناش، پۇل مۇئامىلە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بىر قانچە كەسپىي مۇھاكىمە مۇنبىرى ۋە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى قاتارلىقلارمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  6-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق ئوبراز كۆرگەزمە رايونى، خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن كۆرگەزمە رايونى، تاۋار سودا كۆرگەزمە رايونى ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە رايونى دېگەندەكلەرنى ئۆز ئىچگە ئالغان تۆت چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 70 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى دۆلەت قاتلىمىدىكى زور تاشقى ئالاقە پائالىيىتى بولۇپ، ئۇ «بىر بەلباغ ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم سۇپا، ھەمدە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىش ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم يول ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەسىر كۈچى ۋە تەسىر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرىكى بەش نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 103 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار قاتناشقان. چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ سانى 103 مىڭ ئادەمگە، كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئادەم سانى 2 مىليون 10 مىڭ ئادەمگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر