باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئەسكەرلىك بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەشكە 320 كىشى قوبۇل قىلىدۇ

2018.06.27 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ-ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا ئېھتىياجلىق يۇقىرى ساپالىق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل جايلاردىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە كەسپىي ئەسكەرلەرنى نىشانلىق تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن، نىشانلىق تەربىيەلەيدىغان كەسپىي ئەسكەردىن جەمئىي 320نى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، كەسىپىي ئەسكەرلەرنى نىشانلىق تەربىيەلەش مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا كىرگۈزۈلۈپ يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھازىرقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى تۈركۈمدە ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس)غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى بويىچە، يەنى ئالدى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئاندىن ئارزۇ تولدۇرۇش، سىياسىي تەكشۈرۈش، بەدەن تەكشۈرۈش، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، قوبۇل قىلىش قاتارلىق باسقۇچلار بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن. كەسىپىي ئەسكەرلەرنى نىشانلىق تەربىيەلەشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يېشى 20 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى (1998-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان) بولۇشى، سىياسىي ۋە بەدەن تۈزۈلۈشى مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم ئىكەن.

  7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن، كەسپىي ئەسكەرلەرنى نىشانلىق تەربىيەلەشكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر پۈتكۈزگەن مەكتىپى ياكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن «ئەسكەر قوبۇل قىلىش سىياسىي تەكشۈرۈش جەدۋىلى»، «ئوفىتسېر قوبۇل قىلىش سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلى»، «نىشانلىق ئوفىتسېر تەربىيەلەش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يۈزتۇرانە ئىمتىھان جەدۋىلى»نى ئېلىپ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى قوراللىق بۆلۈمنىڭ سىياسىي سىنىقىغا سۇنۇشى كېرەك ئىكەن. باھالاش نەتىجىسى ناھىيە دەرىجىلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇلىدىكەن.

  مەلۇم بولۇشىچە، نىشانلىق كەسپىي ئەسكەر تەربىيەلەشكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ئالىي مەكتەپ تەرىپىدىن ئالىي تېخنىكوم دىپلومى بېرىلىدىكەن. تەپسىلىي ئىشلارنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ-ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسى تور بېكىتى (http://www.xjzk.gov.cn) ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر