باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ترامپنىڭ كۆچمەنلەرگە چەك قويۇش بۇيرۇقىنى قانۇنلۇق دەپ كېسىم چىقاردى

2018.06.27 16:00   مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ترامپنىڭ كۆچمەنلەرگە چەك قويۇش بۇيرۇقىنى قانۇنلۇق دەپ كېسىم چىقاردى

  6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا، كىشىلەر فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئالدىدا نامايىش قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى 26-ئىيۇن كېسىم چىقىرىپ، زۇڭتۇڭ ترامپ بۇلتۇر ئېلان قىلغان كۆچمەنلەرگە چەك قويۇش بۇيرۇقىنىڭ زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە «تامامەن ئۇيغۇن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ترامپ ئارقىدىن ئاقسارايدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ «غايەت زور غەلىبە»، دېدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى بەش ئاۋازنىڭ قوللىشى، تۆت ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشىدەك ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى بىلەن بۇ كېسىمنى چىقاردى. باش سودىيە جون روبېرتس ۋە تۆت نەپەر مۇتەئەسسىپ باش سودىيە قوللاپ ئاۋاز بەردى. روبېرتس ھۆكۈمنامىدە: ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار، ترامپنىڭ چەك قويۇش بۇيرۇقى ئارقا كۆرۈنۈشىنى تولۇق تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىر قانچە ئاپپاراتنىڭ يەر شارى بويىچە باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسلىنىپ، ترامپنىڭ بۇ چەكلەش بۇيرۇقىنى يولغا قويۇشى قانۇنلۇق ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ، دېدى.

  ترامپ 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 27- كۈنى مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، يەر شارىدىكى كۆچمەنلەر ۋە غەربىي ئاسىيا، ئافرىقىدىكى يەتتە دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى ۋاقتىنچە چەكلىگەن. بۇ مەمۇرىي بۇيرۇق شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئامېرىكىنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى. ترامپ ھۆكۈمىتى ئارقىدىن ئىككى قېتىم چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ مەزمۇنىنى تەڭشىدى، قانۇن ۋە مەشغۇلات قاتلىمىدىكى نۇرغۇن يوچۇقلارنى تۈزىدى، لېكىن يەنىلا فېدېراتسىيە يەرلىك سوت مەھكىمىسى ۋە سەييارە نارازىلىق ئەرز سوت مەھكىمىسى چەكلەش بۇيرۇقىنى توڭلىتىپ قويدى. ترامپ ھۆكۈمىتى ئارقىدىن فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك كېسىملەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە چەكلەش بۇيرۇقىنى قايتا قوزغىتىش ئىلتىماسى سۇندى.

  بۇ قېتىم فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىققىنى ترامپ بۇلتۇر 9-ئايدا ئىمزالىغان ئۈچىنچى نۇسخىدىكى چەكلەش بۇيرۇقى. بۇ چەكلەش بۇيرۇقىغا ئاساسەن چاد، ئىران، لىۋىيە، سۇرىيە، يەمەن ۋە سۇمالى پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، چاۋشيەن پۇقرالىرى ۋە ۋېنېسۇئېلانىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئامېرىكىغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، چاد پۇقرالىرىغا قارىتىلغان چەكلەش بۇيرۇقى بۇ يىل 4- ئايدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، چاۋشيەن پۇقرالىرى ۋە ۋېنېسۇئېلانىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلارغا قارىتىلغان چەكلەش بۇيرۇقى فېدېراتىسىيە رايونلۇق سوت مەھكىمىسى سەييارە نارازىلىق ئەرز سوت مەھكىمىسىنىڭ توڭلىتىش دائىرىسى ئىچىدە ئەمەس ئىدى. بۇلتۇر 12-ئايدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۈچىنچى نۇسخىدىكى چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ نارازىلىق ئەرز قىلىش سۈرۈكى ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى رۇخسەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى قاراقاشتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدى
    ·شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغداش 
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان 9 مىليون 750 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مەدەت بېرىش ئۇسۇلى توردا مودا بولد…
    ·2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى كۆرۈنۈشلەر
    ·شىنجاڭدا بۇ يىل 207 مىڭ 400 كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پاش قىلىش تېلېفونىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرى ھەققىدە توردا مەسلىھەت سوراش ‏ھەپتىلىكىن…
    ·نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى ئوتتۇرى…