باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى كېڭەيتىلىدۇ، G216 لىنىيەسىنىڭ بىر قىسىم بۆلەكلىرىدە قاتناش تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ

2018.06.27 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى كازىۋەن چوڭ ئەترىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، بېيجىڭ-شىنجاڭ (G7) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى كېڭەيتىپ قۇرۇلۇش سەۋەبلىك، G216 لىنىيەسىنى «تۆتتىن سەككىزگە ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، بۇ يول بۆلىكىدە قاتناش تارقاقلاشتۇرۇلىدىكەن.

  كونكرېت تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ۋاقتىنچە باشقۇرۇش ۋاقتى ۋە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  6-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 11 دىن سائەت 14 كىچە، چاڭچۇن يولىدىن شاخې يولىغىچە، گەنچۈەنپۇ ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكىدىن فۇكاڭ ھەق ئېلىش پونكىتىغىچە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىغا تارقاقلاشتۇرۇش قوللىنىدۇ، بۇ يول بۆلىكىدە بىر ئاپتوموبىل يولى ئېتىلىدۇ. بۇ يول بۆلىكىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار يېقىن چىقىش ئېغىزىنى تاللاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ئايرىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك تاشيول S111نى تاللاپ، شەرقىي شەھەر يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايلانما تاشيولى ۋە قەشقەر شەرقىي يولى ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكىدىن ئايلىنىپ ماڭسا بولىدۇ.

  6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 1دىن 7گىچە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى گەنچۈەنپۇ ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكىدىن مىچۈەن-كۆكتاغ سانائەت رايونى ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكىگىچە قوش يۆنىلىشلىك قاتناش باشقۇرۇشىنى يولغا قويىدۇ، مىچۈەن-كۆكتاغ سانائەت رايونى ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكىدىن يۇقىرى شاخې ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكىگىچە (ئۈرۈمچى تەرەپ يۆنىلىشى) تاق يۆنىلىشلىك قاتناش باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. بۇ يول بۆلىكىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار يېقىن چىقىش ئېغىزىنى تاللاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ئايرىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك تاشيول S111نى تاللاپ، شەرقىي شەھەر يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايلانما تاشيولى ۋە قەشقەر شەرقىي يولى ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكىدىن ئايلىنىپ ماڭسا بولىدۇ.

  قاتناش ساقچى تارماقلىرى كەڭ شوپۇرلارغا يۇقارقى يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتكەندە، يۈرۈش لىنىيەسىنى بالدۇر بېكىتىۋېلىشىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ جەرياندا ئاپتوموبىلىدا كاشىلا كۆرۈلسە ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى 12122، 3933919-0991 غا تېلېفون قىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ. كىچىك يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كازىۋەن چوڭ ئەترىتىگە بېرىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر