باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ

2018.06.21 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22دە ئېلان قىلىنىدۇ. شۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان ئىجازەت كىنىشكىسى نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرى بىلەن تور بېكەتكە چىقىپ ياكى يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق نەتىجىسىنى تەكشۈرەلەيدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 6- ئاينىڭ 19- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى (http://www.xjedu.gov.cn 、 http://www.xj.edu.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى (http://www.xinjiang.gov.cn)، شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى (http://www.ts.cn) ۋە شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش «خېشياۋيۈەن» تور بېكىتى (http://xj.cmccedu.net)گە چىقىپ نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق تەكشۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئالدىن زاكاز قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە تەلەپ قىلىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياكى 12580 لىنىيەسىنىڭ خىزمەتچى خادىم سۇپىسى ئارقىلىق نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتچىلىرى #GK ئىمتىھان ئىجازەت نومۇرى# شىفىرلىق ئاچقۇچ نومۇرى (ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى زاكاز قىلىپ تەكشۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان ئىجازەت نومۇرىنىڭ ئارقىسىغا دەسلەپكى مەخپىي نومۇرنى قوشۇپ ئەۋەتىدۇ)نى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە 10658333گە ئەۋەتىپ، ئىمتىھان نومۇرىنى تەكشۈرۈشنى ئالدىن زاكاز قىلىدۇ. نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىمتىھان نومۇرى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە شۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش يانفونىغا ئەۋەتىلىدۇ.

  نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلىرى #GK ئىمتىھان ئىجازەت نومۇرى# شىفىرلىق ئاچقۇچ نومۇرى (ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى زاكاز قىلىپ تەكشۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان ئىجازەت نومۇرىنىڭ ئارقىسىغا دەسلەپكى مەخپىي نومۇرنى قوشۇپ ئەۋەتىدۇ)نى 10658333گە قىسقا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتسە، نەتىجە ئۇچۇرى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە قايتۇرۇلىدۇ ياكى 12580 خىزمەتچى خادىم سۇپىسى ئارقىلىق نەتىجىسىنى تەكشۈرسىمۇ بولىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلار ئۆز نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، 6- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوبلاست، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى قايتا سېلىشتۇرۇش ئىمتىھان جاۋاب كارتىسى (ئىمتىھان سوئالى) نەتىجە ئىلتىماس جەدىۋىلى»دىكى تەلەپ بويىچە قايتا سېلىشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12:00دىن 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:00گىچە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى «2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى»غا تىزىملىتىپ ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىنى تولدۇرىدىكەن.

  تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈمدىن بۇرۇن قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەر بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 18:00دە، باشقا تۈركۈمگە ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:00دە ئاخىرلىشىدۇ.

  6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ، «2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كەسىپ كاتالوگى» شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn) ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىدا ئېلان قىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئالدىغا تەكشۈرسە بولىدۇ. يازما نۇسخىدىكى «2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كەسىپ كاتالوگى» («شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان ئېلىش» 4- بۆلۈمىگە قاراڭ) ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئىمتىھان ئىجازەت نومۇرى، كىملىك نومۇرى ۋە ئىمتىھان ئىجازەت كىنىشكىسىدىكى دەسلەپكى مەخپىي نومۇرى بىلەن ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا كىرسە بولىدۇ. تۇنجى تىزىملاتقاندا مەخپىي نومۇرنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلار مەخپىي نومۇرىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، مەخپىي نومۇرىنى ياخشى ساقلىشى كېرەك، مەخپىي نومۇر يىتۈپ كېتىپ ياكى ئاشكارلىنىپ كېتىپ ئارزۇ تولدۇرۇشتا مەسىلە كۆرۈلسە، ئوقۇغۇچىلار ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالسا، ئۆزى ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا ئەستايىدىل ئويلىشىپ، شاللىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. ئارزۇ تولدۇرۇشتا كەتكۈزۈپ قويۇپ شاللىنىپ كەتسە، ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر