باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەلەيماق كەنتىدىكى خۇشاللىقلار

2018.06.25 15:08   مەنبە: خەلق تورى

كەلەيماق كەنتىدىكى خۇشاللىقلار

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت) يوپۇغا ناھىيەسى يەكشەنبە بازار بازىرى كەلەيماق كەنتى كەچلىك بازىرىدىكى سامسا، گۆشگىردە، كاۋاپ، زىخلىق ئاچچىق-چۈچۈكلەرنىڭ مەززىلىك پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلىدىغان بولۇپ، كەچتە بۇ يەر باشقىچە ئاۋاتلىشىپ كېتەتتى. كەچلىك بازاردا كەچلىك كۇرۇستىن چىققان ياشلار ۋە بىر كۈن دېھقانچىلىق قىلىپ چارچىغان دېھقانلارنىڭ بەزىلىرى لەڭپۇڭغا گىردە ناننى تۆگۈرۈپ يېسە، يەنە بەزىلىرى ئىسسىقتا دوغ ئىچىپ، مارۇژنىنى راھەتلىنىپ يەپ كېتەتتى، بۇ كەنتنىڭ ناھىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىر، يېزا بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 13 كىلومېتىر كېلىدىغان بولغاچقا، كەنتتىكىلەر بىر نەرسە لازىم بولسا ئالايىتەن ناھىيە بازىرىغا ياكى يېزا بازىرىغا بېرىپ ئەكەلمىسە، ئەتراپتىن ھېچنېمە تاپالمايتتى. يېقىندىن بۇيان بۇ كەنتتە ئارقا-ئارقىدىن ھەر خىل دۇكانلار ئېچىلىپ، كەنتتىكىلەر ناھىيە بازىرىغا كىرمىسىمۇ ئىشىك ئالدىدىلا ھەممە نەرسە تېپىلىدىغان بولدى. بۇ كەنتتىكى دېھقان رابىيگۈل قادىرنىڭ بالىلىرى كىچىك، ئۆزى يالغۇز دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاچقا، تۇرمۇشى غوربەتچىلىكتە ئۆتەتتى. ئۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، كەنت ئالدىدا ئۇلار بەرگەن دۇكاندىن بىرنى چاققانغىنا ئاشخانا قىلىپ ئىچىۋالدى. ئاشخانىسىدا ئۇ ئەتىگىنى ناشتىلىق چىقارسا، چۈشتە لەغمەن، پولو، كەچتە زىخلىق ئاچچىق-چۈچۈكلەرنى چىقىرىپ، ئايلىق كىرىمىنى 3500 يۈەنگە يەتكۈزدى.

  كەلەيماق كەنتى كۆك نامرات كەنت. 2015-يىلى 12-ئايدا «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتىدىن بۇ يېزىغا چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەركىن مامۇت پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىگە يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، بۇ يىل يەنە كەلەيماق كەنتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قېپقالدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، شۇنىڭ ئۈچۈن باش چۆكۈرۈپ ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي، جاپالىق ئىشلەش كېرەك. ئەركىن مامۇت بۇ يېزىدا ئىككى يىل تۇرغاچقا، كەنتنىڭ ئەلمى - تەلمىنى بىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ بۇ يىل كەنتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش 1-شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، دىققەتنى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مەركەزلەشتۈردى. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نۇقتا بېكىتىپ يۆلەش ئىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەت ئۆز ئارا ھەرىكەت قىلىش ۋە كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، مەخسۇس تۈرلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەشتە بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچىدى. نامراتلىقنى تۈگىتىشتە ئىدىيە جەھەتتىن، كەسپىي جەھەتتىن، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، باقمىچىلىق، تىرىقچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىن يېتەكلەش ئارقىلىق، ھەر خىل ئۇسسۇللارنى ماس قەدەمدە بىللە ئېلىپ باردى.

  بۇ كەنتنىڭ ئارتۇقچىلىقى يېرى كۆپ، دېھقانلار سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى ئانچە خالاپ كەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، نەزەر دائىرىسى ئىنتايىن تار ئىدى. ئەركىن مامۇت ئەڭ ئاۋۋال كەنتتىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالايدىغان نامرات ئائىلىلەردىكى شارائىتى يار بېرىدىغانلاردىن 20 ياشنى «1-ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىگە ئامانلىق قوغدىغۇچىلىققا يولغا سالدى. يەنە بىر قىسىملىرىنى قەشقەر شەھىرى ۋە ناھىيەدىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. كەنت ئالدىغىلا 13 دۇكان سېلىپ، ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ھەقسىز بەردى.

  ئەركىن مامۇت كەنت ئاياللىرىغا قايىل ئىدى. ئۇلارنىڭ تىرىشچان، جاپادىن قورقمايدىغان، ئەمگەكنى سۆيىدىغان روھى ئۇنى ھەقىقەتەن قايىل قىلغان ئىدى. ئۇ كەنتتىكى 260 ئايالغا «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق چىقىش يولى تېپىپ بەردى؛ «جۇڭچىڭ» كىيىم-كېچەك زاۋۇتى قۇرۇپ، تىككۈچىلىك ئارقىلىق ئاياللارغا ئۆز رولىنى ھەقىقىي نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلىدى، بىر قىسىم ئاياللارنى كەشتىچىلىككە يېتەكلەپ، ئۇلارنى «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتى تاشقى سودا كارخانىسىنىڭ سوۋغات بۇيۇملىرىنى تەييارلاش سېخىغا ئورۇنلاشتۇردى.

  كەنتنىڭ ئەۋزەللىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ھەر خىل كوپىراتىپلارنى قۇرۇش ئارقىلىق 464 نامراتنىڭ %45نى ئۆز مەھەللىسىدىلا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى.

  يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئېشەك باقمىچىلىقى ناھىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. ئەركىن مامۇت بۇ ئەۋزەللىكنى چىقىش قىلىپ، ئەتراپتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، كۈچى بارلار كۈچ، پۇلى بارلار پۇل، تېخنىكىسى بارلار تېخنىكا چىقىرىپ، 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن ئون مو يەرگە «ئىناق» باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. سىياسەتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، باقمىچىلىق تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، كەنتتىكى شەرتى توشىدىغان 68 ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە 12 مىڭ يۈەندىن تۈر مەبلىغى ھەل قىلدى. دېھقانلار بۇ پۇلغا ئۆز ئىھتىياجىغا قارىتا ئېشەك سېتىۋالدى. دېھقانلارنىڭ بېقىشى سېستىمىلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەخەيلەرنى ياخشى ئەي قىلالمىدى، دېھقانلارنى ئىلمىي، تەرتىپلىك، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، ھاۋالىلىك بېقىش ۋە ھەمكارلىشىپ پايدا تەقسىملەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئۇلارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا جەلپ قىلدى. ھازىر بۇ كوپىراتىپتا 180 ئېشەك بار بولۇپ، ئۇلار كۆك ئېنەك سۈتىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، يۇقىرى باھادا سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە، شاڭخەيگە يۆتكەپ سېتىش شارائىتلىرىنى ھازىرلىماقتا...

  بۇ كەنتتىكى ياغاچچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپلا ناھايىتى ئالدىراش بوپ كەتتى. ئۇلار «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق» دەپ بازارنى ياخشى مۆلچەرلەپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىدىن يولغا قويغان ئائىلىلەردە «ئۈچ يېڭىلىق» بولۇش سىياسىتى بويىچە، كەنتتىكى ياغاچچىلارنى يىغىپ ياغاچچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. باھاسى مۇۋاپىق سافا، جوزا - ئورۇندۇقلار دېھقانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشسە، نەقىش ئويۇپ ياسىغان سافا، كارۋات، جوزا-ئورۇندۇقلار قوشنا يېزا ۋە ناھىيە، شەھەردىكىلەردىكىلەرنىڭ تالىشىپ سېتىۋالىدىغان مەھسۇلاتىغا ئايلاندى. ئۇلار يەنە كەپتەر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىمۇ قۇرۇپ، كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنى بۇ تەرەپتىن تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق قاتناش قورالى موتوسىكلىت ۋە توكسىكلىت بولغاچقا، رېمونتچىلارغا بولغان ئىھتىياجمۇ يۇقىرى ئىدى. خىزمەت ئەترىتى بۇ ئىھتىياجنى چىقىش قىلىپ، رېمونتچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. كەنتتە بۇ كوپىراتىپنىڭ قۇرۇلۇشى دېھقانلارنىڭ يولىنى قسقارتىپ، ئىقتىسادىي ۋە ۋاقتىنى تېجەپلا قالماي، يەنە بىر قىسىم ياشلارنى ھۈنەر-كەسىپ، تېخنىكا بىلەن تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە بازارلىق كەسىپ بولدى.

  − بىزنىڭ كەنتنىڭ ئىلغار يېزا، كەنتلەرگە قارىغاندا چالا يەرلىرى يەنىلا كۆپ،- دېدى كەلەيماق كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش 1-شۇجىسى ئەركىن مامۇت، _ بىز سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئاساستا تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈشكە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئۆز ئارا جېپىسلاشتۇرۇشقا، تاشقى ياردەم بىلەن ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغاشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇقىملىق ۋە نامراتلىق خىزمىتىنى، «تۆتتە بىرگە بولۇش، تۆتنى يەتكۈزۈش» خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئۈچ يىلدا كەنتىمىزدىكى دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تەدرىجىي بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بارلىقىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى قاراقاشتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدى
    ·شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغداش 
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان 9 مىليون 750 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مەدەت بېرىش ئۇسۇلى توردا مودا بولد…
    ·2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى كۆرۈنۈشلەر
    ·شىنجاڭدا بۇ يىل 207 مىڭ 400 كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پاش قىلىش تېلېفونىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرى ھەققىدە توردا مەسلىھەت سوراش ‏ھەپتىلىكىن…
    ·نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى ئوتتۇرى…