باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى قاراقاشتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدى

2018.06.21 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئىيۇن، خوتەن شەھىرى قاراقاش ناھىيەسى بالىلار پاراۋانلىق مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن «كىيىم ئىئانە قىلىپ، مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش، قاراقاشتىكى ئۆسمۈرلەر بىلەن مېھىربانلىق ئورنىتىش» مېھىر يەتكۈزۈش ئىئانە پائالىيىتىدە، بېيجىڭدىكى 91 پەن-تېخنىكا گۇرۇھى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق مەركىزى قاراقاش ناھىيەلىك پاراۋانلىق مەكتىپى ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا 1500 دانە يازلىق مەكتەپ فورمىسى سوۋغا قىلدى. بالىلار مەكتەپ فورمىسىنى قولىغا ئېلىپ شادلىققا چۆمدى.

  پائالىيەت مەيدانىدا بالىلار ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، بېيجىڭدىن كەلگەن مېھرىبان زاتلارغا قىزىل گالىستۇك تاقىدى، ئۇلارغا ئۆز قولى بىلەن تىككەن ئۆزگىچە دوپپا، ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى، داپ، ياغاچتىن ياسالغان ئاياق قاتارلىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلىپ، قەلبىدىكى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭدىكى 91 پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تولۇق مەبلەغ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە «شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسى. بېيجىڭ 91 پەن-تېخنىكا گۇرۇھى قاراقاش ياشلار-ئۆسمۈر ئىختىساسلىقلار بېيجىڭ سەپىرى» پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت 2018-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە قاراقاشلىق 20 ئوقۇغۇچى ۋە يەتتە ئوقۇتقۇچىنى بېيجىڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر