خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئىيۇن خەلق سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭلىسى فىلىپ بىلەن كۆرۈشتى.شى جىنپىڭ فىلىپنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن زۇڭلى ئەپەندىنىڭ يېرىم يىل ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى فىرانسىيەنىڭ جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. ھازىر دۇنيادا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا داۋاملىق ئۈلگە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن، ئىككى تەرەپ ھەمراھلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش مېخانىزملىرى ۋە سۇپىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاسىل قىلىنغان تۈرلۈك ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ۋە كېلىشىملىرىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور تۈرلەرنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېز يېتىلدۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو فىرانسىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى فىرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىمىلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئادىل-ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي قائىدىسىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو ياۋروپا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى