باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلۈپ، چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا ياردەم بېرىش مۇراجىئەت قىلىندى

2018.06.25 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ يېقىندا كۆچمەنلەرگە قارىتا «بالىلارنى ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش شەكلى»دىكى قانۇن ئىجرا قىلىش تەدبىرىنى توختىتىشنى بۇيرۇغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قانداق قىلىپ قايتا جەم بولۇشى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. 23-ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ماھىيەتلىك تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقى مۇراجىئەت قىلىندى.

  شۇ كۈنى، ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى كالىفورنىيە ئىشتاتى، تېكساس شتاتى، فلورىدا شتاتى، نيۇ يورك شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلدى. نازارىلىق بىلدۈرگۈچىلەر قاماپ قويۇلغان نۇرغۇن چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈچىلەر ھازىرغىچە بالىلىرى بىلەن قايتا جەم بولالمايۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ترامپنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىدىمۇ ئۇلارنى جەم قىلىدىغان كۆرسەتمە يوق، دېدى.

  كالىفورنىيە ئىشتاتىدا، ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگراسىدىكى ئىشتاتىدىكى سان ديېگو شەھىرىدە 5000 دىن كۆپرەك كىشى كوچىغا چىقىپ، چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈچىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشىنى قوللىدى؛ لوس ئانژېلېستا، نۇرغۇن ئامما قانۇنسىز چىگرادىن كىرگۈچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆزلۈكىدىن ئويۇنچۇق ئىئانە قىلدى. تېكساس ئىشتاتىنىڭ مەك ئاللىن شەھىرىدە، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر قاماپ قويۇلغان بالىلار بېسىلغان بىر ئاپتوموبىلنى قورشىۋېلىپ، «بالىلارنى قويۇۋەتسۇن!» دەپ چۇقان سالدى.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4-ئايدا ئاتالمىش «قەتئىي تاقەت قىلالمايدىغان» كۆچمەنلەر قانۇن ئىجرا قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ سىياسەتكە ئاساسەن، بارلىق قۇرامىغا يەتكەن چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈچىلەر قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بىردەك تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ ۋە ئەيىبلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا باشقا جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر