باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرى ھەققىدە توردا مەسلىھەت سوراش ‏ھەپتىلىكىنى ئورۇنلاشتۇردى

2018.06.05 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرى ھەققىدە توردا مەسلىھەت سوراش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى «قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» («阳光高考») ئۇچۇر سۇپىسىدا رەسمىي باشلىنىدىكەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىللىق توردا مەسلىھەت سوراش پائالىيىتى 6- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن؛ ھەر كۈنى سائەت 9:00دىن 17:00گىچە مەسلىھەت بېرىلىدىكەن. بۇ «مەسلىھەت بېرىش ھەپتىلىكى»دە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر توردا سوئاللارغا جاۋاب بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، خېنەن، چىڭخەي قاتارلىق قىسمەن شەھەر ۋە ئۆلكىلەردە مەسلىھەت بېرىش سۇپىسىدا مەسلىھەت بېرىش مەخسۇس پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن. بۇ جەھەتتىكى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلار ۋاقتى كەلگەندە سۇپىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىشىنى، توردا مەسلىھەت سوراش بىلەن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا مەسلىھەت سوراشنى بىرلەشتۈرۈشنى پائال ياخشى ئىشلىشىنى، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە ھالدا ئارزۇ تولدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا «قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى»نى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى ۋە قوبۇل قىلىش تەرتىپى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  پائالىيەت تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار يەنە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ توردا مەسلىھەت سوراشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى توردا كۆرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، مەسلىھەت سوراش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر