باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى بۇ يىل ئىچىدە يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى 2-قېتىم تەڭشىدى

2018.05.31 16:40   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى بۇ يىل ئىچىدە يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى 2-قېتىم تەڭشىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، پويىز خادىمى ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە بارىدىغان T9526/7 –قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ پويىزغا چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. شۇ كۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 2018-يىلى ئىچىدە يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يول يۈرۈش خەرىتىسىنى 2-قېتىم تەڭشىدى. بۇ قېتىملىق يول يۈرۈش خەرىتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئاساسلىق ئۆزگىرىش بولسا، غۇلجىدىن قورغاسقا بارىدىغان K9761/2-قېتىملىق يولۇچىلار تېز پويىزىدىن بىر جۈپ، ئۈرۈمچىدىن كۇيتۈنگە بارىدىغان K9751/2، K9753/4-قېتىملىق يولۇچىلار تېز پويىزىدىن ئىككى جۈپ كۆپەيتىلدى. غۇلجىدىن قەشقەرگە بارىدىغان K9516/7، T9518/5-قېتىملىق ۋە ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە بارىدىغان T9526/7، T9528/5-قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزى لەنجۇ-شىنجاڭ مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ ئۇزارتىلغان يۈرۈش بۆلىكى تۇرپان شىمالىي بېكىتىگىچە بارىدىغان بولۇپ، پويىزنىڭ توختاش بېكىتىگە تۇرپان شىمالىي بېكىتى قوشۇلىدۇ.

  ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان يول يۈرۈش خەرىتىسىنى 20 قېتىم تەڭشىگەندىن كېيىن، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى غول لىنىيە قىلىنغان، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ئىككى قانات قىلىنغان غول قاتناش تورى تېخىمۇ راۋانلاشقان، ئىككى قاناتنىڭ قاپلاش دائىرىسى بارغانسىرى روشەن بولۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئاممىسىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ياراتقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ياشلىققا تەقدىم
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلىش قىلمىشىغا يۇقىرى بېسىملىق زەربە بېرىش…
    ·ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىد…
    ·فۇجيەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 2021-يىلىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبىئىي پەنگە ئايرىش ئەم…
    ·«مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق كۈنى»دە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ‏ساغلام ئېغىرلىقىغا ئېتىبار بېر…
    ·ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىللىك پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى
    ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 10 تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى
    ·ئىككى مىنىستىرلىك: ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچى…
    ·ئىككى تارماق ھۆججەت چىقىرىپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىشنى…