باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى پانامادا ئېچىلدى

2018.06.04 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق دۇنيا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 2-ئىيۇن پاناما شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەن گاڭ، جۇڭگونىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋېي چياڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ۋەن گاڭ سۆز قىلىپ: بۇ قېتىمقى يىغىن ج ك پ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق دۇنيا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كاتتا مەرىكە، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە تەشكىلاتلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونى ۋە دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەتتىكى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە پانامادىكى مۇھاجىرلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 800گە يېقىن كىشى شۇ كۈنىدىكى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر