- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىرازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندا ئەزالىرىنىڭ كىيىم نومۇرىنى ئېلان قىلدى
نېيمار 10-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىدۇ
2018.06.04 13:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرازىلىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 1- ئىيۇن رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ كىيىم نومۇرىنى ئېلان قىلدى، نېيمار 10-نومۇرلۇق توپ كىيىمىگە ئېرىشتى.
بۇ قېتىمقى كوماندا ئەزالىرىنىڭ كىيىم نومۇرىنى بېكىتىش پۈتۈنلەي ماھىرلارنىڭ مەيداندىكى ئورنى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئارزۇسىمۇ كۆزدە تۇتۇلدى. مەسىلەن، مارسېلو ئۆزىنىڭ خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىدىكى 12-نومۇرىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلدى، تىياگو سىلۋا ئۆزىنىڭ پارىژ ساينت گېرمان كوماندىسىدىكى 2-نومۇرىنى تاللىدى، پاۋلونىئور يەنىلا بارسېلونادىكى 15- نومۇرىنى ئىشلەتتى.
بىرازىلىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى يەنە 3-ئىيۇن كىرودىيە بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدىن باشلاپ، بىرازىلىيە كوماندىسى بۇ بىر يۈرۈش مۇسابىقە كىيىمى نومۇرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر