خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شېنجوۋ» ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەمگە چىقىشى، «جياۋلوڭ» چۆككۈسىنىڭ دېڭىزغا شۇڭغۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو ئالىملىرى يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئىزدىنىشىدە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى. 2-ئىيۇن، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى مەسئۇللىقىدا تەتقىق قىلىنغان «يەر پوستى 1-نومۇر»لۇق تۈمەن مېتىرلىق بۇرغىلاش ماشىنىسى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق «ماھارەت كۆرسىتىش»ىنى تاماملىدى. بۇرغىلاش ماشىنىسى 7018 مېتىر چوڭقۇرلۇققا يېتىپ بېرىپ، ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە قۇرۇقلۇقتا بۇرغىلاش تېخنىكىسىدا يېڭى رېكورت ياراتتى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە رۇسىيە ۋە گېرمانىيەدىن قالسا، ئۈچىنچى بولۇپ تۈمەن مېتىرلىق قۇرۇقلۇقتا چارلاپ بۇرغىلاش پىلانى مەخسۇس ئۈسكۈنىسى ۋە ئالاقىدار تېخنىكىسىغا ئىگە بولغان دۆلەت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
7018 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سوڭكې 2-نومۇرلۇق قۇدۇقى دۆلىتىمىز يولغا قويغان سۇڭخۇاجياڭ-لياۋخې ئويمانلىقى قۇرۇقلۇق بور سىستېمىسىنى خەلقئارالىق تېخنىكا بويىچە چارلاپ بۇرغىلاش قۇرۇلۇشى قۇرۇقلۇقتىكى خەلقئارالىق تېخنىكا بويىچە چارلاپ بۇرغىلاش پىلانى (ICDP) يولغا قويۇلغان 22 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭقۇر قېزىلغان قۇدۇق ھەمدە يەنە دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ بور سىستېمىسى فاتسىيە قاتلىمىنى تەشكەن ئىلمىي تەكشۈرۈپ بۇرغىلاش قۇدۇقى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ، جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇقتا چارلاپ بۇرغىلاش قۇرۇلۇشىدىكى بىر تۈرلۈك بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىسى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىنى تەكشۈرۈشى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەپ، سۇڭخۇاجياڭ-لياۋخې ئويمانلىقىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى سلانېتس، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەنى تەكشۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يەر شارى بور قۇرۇقلۇق فاتسىيەسى قەدىمىي كىلىمات تەتقىقاتىنى يېتەكلەپ، ئېلىمىزنىڭ تارىخىي گېئولوگىيە تەتقىقاتى قەدىمكى كىلىمات ساھەسىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى