باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ئىيۇلدىن باشلاپ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى مۇكاپات پۇلىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، پەن-تېخنىكا خادىملىرى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2018.06.04 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىنى يەنىمۇ قوللاپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 1-ئىيۇلدىن باشلاپ پەن-تېخنىكا خادىملىرى قولغا كەلتۈرگەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى مۇكاپات پۇلىغا ئايلاندۇرۇپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىشنى بېكىتتى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بېكىتىلدى: قانۇن بويىچە تەستىقلىنىپ تەسىس قىلىنغان پايدا ئالمايدىغان پەن-تېخنىكا تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ پايدا ئالمايدىغان پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر دېيىلىدۇ) «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش كىرىمى ئىچىدىن پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ شۇ ئايلىق «مائاش + ئىش ھەققى تاپاۋىتى»غا كېمەيتىپ %50 بويىچە ھېسابلاپ كىرگۈزۈپ، قانۇن بويىچە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ.

  پايدا ئالمايدىغان پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر: دۆلەت تەسىس قىلغان پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر، پايدا ئالمايدىغان پۇقراۋى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  پەن-تېخنىكا خادىملىرى بۇ ئۇقتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن باجدىن ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت:پەن-تېخنىكا خادىملىرى: پايدا ئالمايدىغان پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تاماملاش ياكى ئايلاندۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ. پايدا ئالمايدىغان پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئالاقىدار پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى(دۆلەت مۇداپىئە پاتېنتىنى ئايلاندۇرۇش بۇنىڭ سىرتىدا) بەلگىلىمە بويىچە ئېلان قىلىشى كېرەك، كونكرېت ئېلان قىلىش چارىسىنى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە باج باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ بەلگىلەيدۇ.

  پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى: پاتېنت تېخنىكىسى (دۆلەت مۇداپىئە پاتېنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ئاپتورلۇق ھوقۇقى، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى ئىسخېما لايىھەسى مەخسۇس ھوقۇقى، ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقى، بىيو تېببىي-دورىگەرلىك يېڭى مەھسۇلاتلىرى ۋە پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى بېكىتكەن باشقا تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش: پايدا ئالمايدىغان پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشى ياكى پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش: پايدا ئالمايدىغان پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش كىرىمىگە ئېرىشىپ ئۈچ يىل(36 ئاي) ئىچىدە پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى مۇكاپاتلاپ بەرگەن نەق پۇلنى كۆرسىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر