بۇ يەر چىڭداۋ شەھىرى لاۋشەن رايونى دۇڭخەي يولىغا جايلاشقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخبارات مەركىزى (6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). ئاخبارات مەركىزى يېڭىدىن سېلىنمىغان، بەلكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان خەيئېر دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزە تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، پۈتۈن قۇرۇلۇش زامانىۋى، رومانتىك تۈس ئالغان، چىڭداۋدىكى ئۆزگىچە ئالاھىلىدىلىككە ئىگە قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات مەركىزى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلىپ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ يىغىنغا تىزىملاتقان مۇخبىرلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى خوۋ شياۋدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 35 مىڭ كىۋادرات مېتىر. ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاراتقۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگە 10 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىر ئورۇن ئاجرىتىلغان، يىغىنغا تىزىملاتقان 3000دىن ئارتۇق مۇخبىرنى مۇكەممەل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. مەيداننىڭ يۈرۈشتۈرۈش كاپالەت دائىرىسى 4600 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 3000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ نۆۋەتلىشىپ دىجورنىلىق قىلىپ خىزمەت ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ.
ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاخبارات مەركىزىدە دەلىل - ئىسپات ئېلىش مەركىزى، مەسلىھەت سوراش سۇپىسى، ئاممىۋى خىزمەت رايونى، ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى، يىغىن زىيارىتى، خەۋەرلىشىش كاپالىتى قاتارلىق 29 خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى كۈتۈۋېلىش، زىيارەت قىلىش، خەۋەرلىشىش، قاتناش، داۋالاش، بىخەتەرلىك قاتارلىق ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئاخبارات مەركىزى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋە 7-كۈنى سائەت 8دىن 20 گىچە، 6-ئاينىڭ 8-كۈنى 8دىن 22گىچە، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋە 10-كۈنى سائەت 5دىن 24گىچە، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 8دىن 18 گىچە ئېچىۋېتىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى