باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2018.05.29 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 28-ماي جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چىڭداۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ جياڭدىڭ چىڭداۋ شەھىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى جاڭ خەنخۇي بىلەن بىللە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنى 9-ئىيۇندىن 10-ئىيۇنغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر باشلىقلىرى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر