باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئادەم كۈچى، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2018.05.31 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن دوكلات بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  لى كېچياڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا 11 پەسىل %6.7 ~ %6.9 ئارىسىدا مۇقىملىشىپ، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ياخشى بولۇپ، كارخانىنىڭ پايدىسى ۋە مالىيە كىرىمى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، ئالدىنقى 4 ئايدا كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 مىڭ 700 كارخانا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىقتىسادىي قۇرۇلما، تۈرتكە، ئېشىش ئۇسۇلىغا ئۈزلۈكسىز پائال ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىدەك ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق كۈچەيدى. لېكىن شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئېلىمىز يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىرتقى مۇھىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ئىنتايىن زور ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كېلىپ، دۆلەت ئىچىدە ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان زىددىيەت ۋە يېڭى خىرىسلارمۇ ئىنتايىن گەۋدىلىك. بىز جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىشىمىز، لېكىن ئۇتۇق قازىنىشقا ئالدىرىماي، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى 1- مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش تۈرتكىسىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇپ كۈچنى قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر