باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ يېڭى شۆھرەت تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 14-ئورۇندا تۇردى

2018.06.01 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى ئالىي مائارىپى» 30-ماي 2018-يىللىق «دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ يېڭى شۆھرەت تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئالدىنقى ئوننى ئىگىلىدى، لېكىن ئالدىنقى ئۈچنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، ماسسا چۇستېس تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتى ۋە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بولدى، ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركلېي شۆبىسى، ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانژېلېس شۆبىسى ۋە ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى كېيىنكى ئورۇندا تۇردى.

  «تايمىس گېزىتى ئالىي مائارىپى» دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات سەۋىيەسىگە قارىتا شۆھرەت ئىلمىي تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، 2011-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم تىزىملىك ئېلان قىلىدۇ. بۇ يىل 1-ئايدىن 3- ئايغىچە، «تايمىس گېزىتى ئالىي مائارىپى» پۈتۈن دۇنيادىكى 10 مىڭ نوپۇزلۇق ئالىمغا تەكشۈرۈش ۋەرەقىسى تارقىتىپ، ئۇلارنى دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات سەۋىيەسىنى باھالاشقا تەكلىپ قىلىپ، بۇ «100 داڭلىق مەكتەپ» تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقتى. بۇ يىلقى رەت تەرتىپىدە، ئامېرىكىدىكى 44 ئالىي مەكتەپ تاللانغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن ئىككى مەكتەپ كۆپەيدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگودىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئايرىم-ئايرىم 14-، 17- ۋە 40-ئورۇننى ئىگىلەپ، تىزىملىكتە ئالدىنقى 50نىڭ ئىچىگە كىردى. ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى 13-ئورۇندا تۇرۇپ، تىزىملىكتە ئاسىيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر