باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قاتارغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقى ئاشكارىلاندى

2018.06.04 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قاتار بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۆزىنىڭ پىلانىنى تۈزگەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ئېمانۇئېل ماكرونغا يازغان خېتىدە: ئەگەر قاتار رۇسىيەدىن S-400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋالسا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قاتارغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ، دېيىلدى.

  فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى»نىڭ 1- ئىيۇن ئېرىشكەن ئۇچۇرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ خەۋەر قىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان ماكرونغا خەت ئەۋەتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قاتار بىلەن رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىش كېڭىشىشىدىن «قاتتىق ئەندىشە» قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئەگەر قاتار بۇ سىستېمىنى سېتىۋالسا، رايون جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، سالمان فىرانسىيەنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ، قاتار بىلەن رۇسىيەنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى توسۇپ، رايون مۇقىملىقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان.

  «دۇنيا گېزىتى»دە دېيىلگەن ئىبارە بويىچە، ئەگەر قاتار ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرسا، سەئۇدى ئەرەبىستانى «ھەربىي ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ مۇداپىئە سىستېمىسىنى يوقىتىدۇ»كەن.

  قاتار «تېررورىزمنى قوللىدى» ۋە «رايون بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى»، دېگەننى سەۋەب قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 5-كۈنى قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە جازالاش ۋە قامال قىلىشنى يولغا قويغان ئىدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسى بىر يىلغا يېقىن داۋاملاشقاندىن كېيىن، 5- ئاينىڭ 27-كۈنى قاتار ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن بىلەن مىسىرنىڭ تاۋارلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا چەك قويغانلىقىنى جاكارلىدى. بەھرەيىن دىپلوماتىيە ۋەزىرى خالىد بىن ئەھمەد ئەلخەلىفە: بۈگۈنگىچە قاتار بىلەن بولغان كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈمىدىنى كۆرگىلى بولمايۋاتىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر