باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بازار يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش

دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاشى ھەم ئۈنۈمگە ئېتىبار بېرىشى ھەم ئادىل بولۇشى كېرەك (سىياسەت يەشمىسى)

2018.06.04 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چۈشەندۈرگۈچى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چيۇ شياۋپىڭ

  گوۋۇيۈەن يېقىندا «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش بېكىتىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش تەقسىماتىنى باشقۇرۇش چارىسىغا بولغان زور ئىسلاھات. سىياسەت چىقىرىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە؟ ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتنىڭ قانداق گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بار؟ دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مۇخبىر ئالاقىدار قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چيۇ شياۋپىڭنى زىيارەت قىلدى.دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش تەقسىمات تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  1985-يىلدىن بۇيان، دۆلەت دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلاردا مائاش ئومۇمىي سوممىسىنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە باغلاش چارىسىنى يولغا قويۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئېشىشىغا ئاساسەن بەلگىلىك نىسبەت بويىچە لەيلەپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتا مۇھىم رول ئوينىدى. لېكىن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھازىرقى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش بېكىتىش مېخانىزمىدا يەنىلا بازارلاشقان تەقسىمات دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىق، تەقسىمات تەرتىپى قېلىپلاشماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلىنىپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشالمىدى. بۇ قېتىمقى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش بېكىتىش مېخانىزمى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى جۇڭگوچە زامانىۋى دۆلەت كارخانىلىرى تۈزۈمىگە ماس كېلىدىغان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش تەقسىمات تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  چيۇ شاۋپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتتا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىدۇ: جۇڭگوچە زامانىۋى دۆلەت كارخانىلىرى تۈزۈمى ئورنىتىشنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئۈنۈم ئارقىلىق يېتەكلەش بىلەن ئادىللىقنى قوغداشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، بازار بېكىتىش بىلەن ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، تۈر ۋە دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. ئىسلاھاتتا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىنى تەقسىملەش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى تەقسىماتىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە نىشان ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، مائاش تەقسىماتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھات يۆنىلىشىگە ئاساسەن، كارخانىنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىنى بېكىتىش چارىسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئىسلاھ قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ مائاش تەقسىماتىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلارنىڭ مائاش تەقسىماتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ياخشىلىنىپ ۋە كۈچەيتىلىپ، ئىشتىن بۇرۇن يېتەكلەش ۋە ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. ئىسلاھات ئارقىلىق ھەم رىغبەتلەندۈرۈپ ھەم چەكلەيدىغان، ھەم ئۈنۈمگە ئېتىبار بېرىپ ھەم ئادىل بولغان، ھەم كارخانىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھەم دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى نامايان بولىدىغان تەقسىمات مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر