باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ، شەنشى ئۆلكىسى جاۋجىن بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى

ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق قىزىل گېننى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەتكە، خەلققە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش كېرەك

2018.06.01 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭنىڭ شەنشى ئۆلكىسى جاۋجىن بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا يازغان خېتى

  جاۋجىن بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى:

  ياخشىمۇسىلەر!

  يازغان خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، خەتنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى خۇش بولدۇم.

  خېتىڭلاردا كەنتتىكى ياشانغانلارنىڭ دائىم سىلەرگە جاۋجىننىڭ ئىنقىلابىي تارىخىنى سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇ قىزىل تۇپراقتىن پەخىرلىنىدىغانلىقىڭلارنى ۋە ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىڭلارنى يېزىپسىلەر. سىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات تارىخى ھەققىدىكى بىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپرەك چۈشىنىپ، قەھرىمان-نەمۇنىچىلاردىن كۆپرەك ئۆگىنىپ، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق قىزىل گېننى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەن يۇرتۇڭلار جاۋجىنغا بارغان. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، بېيلياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇكەممەل باشلانغۇچ مەكتەپ ھالىتى پات ئارىدا ئەسلىگە كېلىدۇ، ساۋاقداشلار يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇش ئۈچۈن يىراققا بارمايسىلەر، مەكتەپتە بىۋاسىتە سۇ ئىچەلەيدىغان، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنالايدىغان بولىسىلەر. سىلەر بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇش ئاسان قولغا كەلمىگەن، دەپسىلەر، بۇ گەپ ناھايىتى توغرا. مىننەتدارلىقنى قەلبىڭلارغا پۈكۈپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دۆلەتكە، خەلققە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، سىلەرنىڭ ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!

  شى جىنپىڭ

  2018-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 30-ماي شەنشى ئۆلكىسى جاۋجىن بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەرنىڭ بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: يازغان خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، خەتنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى خۇش بولدۇم. خېتىڭلاردا كەنتتىكى ياشانغانلارنىڭ دائىم سىلەرگە جاۋجىننىڭ ئىنقىلابىي تارىخىنى سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇ قىزىل تۇپراقتىن پەخىرلىنىدىغانلىقىڭلارنى ۋە ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىڭلارنى يېزىپسىلەر. سىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات تارىخى ھەققىدىكى بىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپرەك چۈشىنىپ، قەھرىمان-نەمۇنىچىلاردىن كۆپرەك ئۆگىنىپ، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق قىزىل گېننى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەن يۇرتۇڭلار جاۋجىنغا بارغان. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، بېيلياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇكەممەل باشلانغۇچ مەكتەپ ھالىتى پات ئارىدا ئەسلىگە كېلىدۇ، ساۋاقداشلار يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇش ئۈچۈن يىراققا بارمايسىلەر، مەكتەپتە بىۋاسىتە سۇ ئىچەلەيدىغان، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنالايدىغان بولىسىلەر. سىلەر بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇش ئاسان قولغا كەلمىگەن، دەپسىلەر، بۇ گەپ ناھايىتى توغرا. مىننەتدارلىقنى قەلبىڭلارغا پۈكۈپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دۆلەتكە، خەلققە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر