خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ بېركى ئوتلىقىدا، چارۋىچىلار ئات توپلىرىنى ھەيدەپ، قىقاس-چۇقان سېلىپ، كەڭرى يايلاقتا كۆچۈپ كېتىپ بارماقتا. ئات تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن توپا-چاڭ كەچكى شەپەق بىلەن قوشۇلۇپ، گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك كارتىنىنى شەكىللەندۈردى. ھاۋانىڭ بارغانسىرى ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شۇ يەرلىك چارۋىچىلار بارا-بارا كۆچۈشكە باشلىدى، ئۇلار قاناسنىڭ ئىچكىرى تەرىپىدىكى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچىدۇ. ئۇ جاينىڭ سۈيى ئەلۋەك، ھاۋاسى سالقىن، ئات، كالا-قويلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدۇ. جېمىنەي ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ، بۇرۇلتوقاي، قابا قاتارلىق ناھىيەلەر بىلەن قوشنا، كىشىلىرى ئاساسلىق چارۋىچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى