خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان سەنئەتكارلار جۇڭگونىڭ خەلق مۇزىكىسى «شادىمان قوزىچاق»نى ئورۇنلىدى. شۇ كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سەنئەت بايرىمى بېيجىڭ باۋلى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو، قىرغىزىستان، رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن داڭلىق مىللىي مۇزىكا ئۆمىكى ئۆزلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە خاس ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە مۇزىكىلارنى ئورۇنلىدى. بۇ قېتىمقى سەنئەت بايرىمى 6- ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى