باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەت كومپارتىيەلىرى جۇڭگوغا كېلىپ قاتناشقان ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.05.29 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيۇشتۇرغان، ھەر قايسى دۆلەت كومپارتىيەلىرى قاتناشقان ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى 28-ماي شېنجېندا باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن، مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت كومپارتىيەلىرى رەھبەرلىرى ۋە يولداشلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماركس ماركسىزمنىڭ ئاساسلىق ئىجادچىسى، ماركسىزم ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيەت. كىشىلەرنىڭ ئىدىيە تارىخىدا، ئىلمىيلىك، ھەقىقەتچانلىق، تەسىر كۈچ، تارقىلىش دائىرىسى جەھەتتە، ھېچقانداق بىر ئىدىيەۋى نەزەرىيە ماركسىزم يۈكسەكلىكىگە يېتەلىگىنى يوق، ھېچقانداق بىر تەلىمات ماركسىزمغا ئوخشاش دۇنياغا بۇنچە زور تەسىر كۆرسىتەلىگەن ئەمەس. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىلىم-پەنگە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش، ھەقىقەت روھى بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلىشىشى، دەۋرلىشىشى، ئاممىبابلىشىشىنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار نەزەرىيە يېڭى نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21-ئەسىردىكى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر