باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى توپلاش مەركىزىدىن ئىككى يىلدا 1230 جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى

تۆت لىنىيەدىن 19 لىنىيەگە كۆپەيدى، ياۋروپا-ئاسىيادىكى 17 دۆلەتنى قاپلىدى

2018.05.28 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى توپلاش مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى توپلاش مەركىزىدىن 1230 جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتناپ، ياۋروپا-ئاسىيادىكى 17 دۆلەتنى قاپلىدى، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  شۇ كۈنى سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلار، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى بېسىلغان X9093-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى توپلاش مەركىزىدىن 1200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇ قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى توپلاش مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيان قاتنىغان 1230-قېتىملىق «غەربكە يۈرۈش» خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى ھېسابلىنىدۇ.

  2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى توپلاش مەركىزىدە تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتناشقا باشلىغاندىن بۇيان، قاتناش دائىرىسى بارغانسىرى كېڭەيدى، 2016-يىلى 11-ئايدا ھەر كۈنى بىر نۆۋەتچى پويىز قاتنايدىغان ھالەت شەكىللەندى، 2017-يىلىدىن باشلاپ ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەتچى پويىز قاتنايدىغان بولدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇ جايدىن يولغا چىقىدىغان «غەربكە يۈرۈش» خەلقئارا نۆۋەتچى پويىزى دەسلەپكى تۆت لىنىيەدىن ھازىرقى 19 لىنىيەگە كېڭەيدى، قاتناش لىنىيەسى 17 دۆلەت، 24 شەھەرنى قاپلاپ، كۆپ نۇقتىدىن يولغا چىقىدىغان، كۆپ جايدا قاتنىيالايدىغان، كۆپ نۇقتا ئارقىلىق بارالايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تىرانسپورتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. توشۇلىدىغان ماللار دەسلەپكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىدىن ھازىرقى ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، سۇ بىلەن ئىسسىتىش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋابلار قاتارلىق 200 خىلغا كېڭەيدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر