باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك

2018.05.28 13:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 25-ماي گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ ۋە قايتا تەشكىللىنىۋاتىدۇ، ئېنىقسىزلىق كۈچىيىۋاتىدۇ، ئىچكى تەرەققىيات يەنىلا دۆڭگە يامىشىش، ئۆتكەلدىن ئۆتۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىز، شۇنداقلا نۇرغۇن ئويلىمىغان يېڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگو سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش پۇرسىتى، ئۇسۇلى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەپ، رايون ئارا تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق ئايلىنىشىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلىنىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، ئاساسىي كۈتۈنۈش، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان كاپالەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سوممىسىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ ۋە قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بازار كۈچىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئاساسىي بولمىغان جامائەت مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىنى كۆپەيتىپ، مېخانىزمنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇپ تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر