باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

2018.05.25 14:01   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ماي خەلق سارىيىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتىلدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشتا ئۈلگە كۆرسەتكۈچى، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ باشلامچىسى، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتگە تۈرتكە بولغۇچى، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى پەرقتىن ھالقىغان ھەمكارلاشقۇچى. بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى ئورتاق تىرىشىش يۆنىلىشى بولۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىپ، مېخانىزملىق سۆھبەتلىشىشتىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك، بىز گېرمانىيەنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېچىۋېتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتىشىنى قارشى ئالىمىز؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى باشلامچى قىلىپ، تورتنى بىرلىكتە چوڭ ياساپ، كەسىپنى زورايتىپ، بازارنى كېڭەيتىش كېرەك، ئىككى تەرەپ كەلگۈسىدىكى كەسىپ ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىپ، ئۈچىنچى تەرەپ بازىرىنى ئورتاق ئېچىشى؛ ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى تۇتقا قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشى؛ جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، تۈرلۈك دۇنياۋى خىرسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، بىز گېرمانىيە بىلەن كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە دۇنيانى ئىدارە قىلىش ۋە كۆپ تەرەپلىكنى بىللە ئىلگىرى سۈرۈپ، قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايمىز. جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، …
    ·فۇجيەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 2021-يىلىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبىئىي پەنگە ئايرىش ئەم…
    ·«مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق كۈنى»دە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ‏ساغلام ئېغىرلىقىغا ئېتىبار بېر…
    ·ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىللىك پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى
    ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 10 تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى
    ·ئىككى مىنىستىرلىك: ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچى…
    ·ئىككى تارماق ھۆججەت چىقىرىپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىشنى…
    ·پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات ناھىيەلەردە %94.7 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‏ئوقۇتۇش شارائىتى «تۆۋەن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈ…
    ·سانجى ئوبلاستىدا خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتتىق مە…