باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراندا 800دىن ئارتۇق كىشى زەھەرلىك گۈمبەمەدەك (موگۇ) يېگەنلىكتىن زەھەرلىنىپ، ئاز دېگەندە 11 ئادەم قازا قىلدى

2018.05.24 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ 21-ماي دېيىشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوندا 800دىن ئارتۇق كىشى ياۋا زەھەرلىك گۈمبەمەدەكنى ئىستېمال قىلغانلىقتىن زەھەرلىنىپ، 11 ئادەم قازا قىلغان.

  سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى: 200دىن ئارتۇق ئادەم دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. ھازىر ئاددىي، ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى تېپىلمىدى، نۇرغۇن بىمارلارغا جىگەر كۆچۈرۈش كېرەك، دېدى.

  ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان.

  زەھەرلەنگەنلەر ئىستېمال قىلغان گۈمبەمەدەكنىڭ تىپى ئېنىقسىز بولغانلىقتىن، سەھىيە مىنىستىرلىقى تەجرىبىخانىدا تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

  بىر ئايدىن بۇيان، ئىراننىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوندا ھۆل-يېغىن كۆپ بولۇپ، زەھەرلىك گۈمبەمەدەك تېز ئۆسكەن. زەھەرلىك گۈمبەمەدەكنىڭ سىرتقى شەكلى ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان گۈمبەمەدەك بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقتىن، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر پەرقلەندۈرەلمەي قالغان. ھۆكۈمەت كىشىلەرنى كوچىدىكى پارچە قاچىلانغان گۈمبەمەدەكلەرنى سېتىۋالماي، مۇنتىزم دۇكانلارغا بېرىپ، ھىملانغان خالتىغا قاچىلانغان گۈمبەمەدەكلەرنى سېتىۋېلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  ئىراندا زەھەرلىك غاز مېيى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل زەھەرلىك گۈمبەمەدەك بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى «ئۆلۈم قالپىقى»، گۈمبەمەدەكنىڭ قالپىقى سۇس يېشىل رەڭدە، ساپىقى ئاق رەڭدە بولۇپ، بىر نەچچە تال يېسىلا، ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. بۇ خىل گۈمبەمەدەك ئىللىق، نەم مۇھىتتا ئۆسىدۇ، ئەسلىي ياۋروپادا پەيدا بولغان بولۇپ ئەنگلىيە، ئىرېلاندىيەدە كەڭ تارقالغان، شىمالىي ئافرىقا، ئاسىيادىمۇ ئوخشاشلا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر