باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ تەيۋەن بىرلەشمە خەۋەرلەر گېزىتى سىستېمىسى زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

2018.05.25 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 24- ماي بېيجىڭدا ۋاڭ ۋېنشەن باشچىلىقىدىكى تەيۋەن بىرلەشمە خەۋەرلەر گېزىتى سىستېمىسى زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىدۇر. نۆۋەتتە، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولماقتا. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدىكى «92- يىل ئورتاق قارىشى»نى قەتتىي گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي تەرەقىيياتى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشلىرى ۋە ھەمكارلىقلىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىمىز، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئەڭ ئالدى بىلەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بىز بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى كۆزلەيمىز، ھەمدە ئۇنىڭدىن كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋە تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىشىنى كۆزلەيمىز؛ «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى» دەپ بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان ھەرقانداق سۈيقەست ۋە ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى چەكلەپ، دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىدەك تارىخىي تىراگېدىيەنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز.

  ۋاڭ ياڭ شۇنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردىكى، بىرلەشمە خەۋەرلەر گېزىتى سىستېمىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئەتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تارىخ ئېقىمىغا ماسلىشىپ، تاراتقۇلۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە قارشى تۇرۇپ، «ئىككى قىرغاقتىكى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى»نىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ مەدەنىيەت ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىشى ۋە ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلبلەرنىڭ ماسلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر