خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ جاي ۋاقتى 24-ماي سانتپېتىربۇرگدا دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ چىشەن ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پۇتىنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بولغان دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، سىز بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېيىنكى قەدەملىك تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلاشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى