باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ خانسارىيى مەدەنىيەت مۇزېيىنىڭ ئۇل سېلىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

2018.05.29 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ خانسارىيى مەدەنىيەت مۇزېيى ئۈچۈن 28- مايدا ئۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ ئۆزىنىڭ شىجيۇ مەدەنىيەت رايونىدا بىر خانسارىيى مەدەنىيەت مۇزېيىنى قۇرالىشى، بۇ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شەخسەن غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسىدۇر، ھەمدە ئۇنى مەركەزنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» رامكىسى ئاستىدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى قوللىشى ۋە شياڭگاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى قاتارلىقلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. خانسارىيى مۇزېيىنىڭ ساقلانما بۇيۇملىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ گۆھىرىدۇر. ئۇ، شىجيۇ مەدەنىيەت رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى شياڭگاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرىدىغان نۇقتا ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھەم شۇنداقلا ئۇ خەلقئارا ئېلېمېنتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن دۇنيا دەرىجىلىك مەدەنىيەت تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ.

  2017- يىلى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شياڭگاڭ شىجيۇ مەدەنىيەت رايونىدا «شياڭگاڭ خانسارىيى مەدەنىيەت مۇزېيى قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە گۇۋاھلىق بولدى، بۇ شياڭگاڭ خانسارىيى مەدەنىيەت مۇزېيى قۇرۇلۇشى تۈرى رەسمىي باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر