باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2018- يىللىق جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.05.28 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىللىق جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسى 26-ماي گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭ شەھىرىدە ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرگەزمىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا، دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشىغا، خەلق تۇرمۇشىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم پۇرسىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى، تور بوشلۇقىنى تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىرىسنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىشتا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىشى، ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى زۆرۈر.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو، ئاقىل جەمئىيەت قۇرۇشنى چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ۋەكىللەر ۋە ئەزىز مېھمانلارنىڭ «بارلىق شەيئىنى رەقەملەشتۈرۈش . ئەقلىيلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈش»تىن ئىبارەت كۆرگەزمە باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئاقىل تۇرمۇشنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر