باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتىلىدى:

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىش ئورنى يارىتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك

2018.05.25 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 24-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم تىرىكى. بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يېڭى رېكورت يارىتىپ، 8 مىليون 200 مىڭغا يەتتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە پائال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كۈچەپ كېڭەيتىشى كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى بازار مۇھىتى يارىتىش ئارقىلىق، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى قاتارلىق يېڭى تۈرتكىلەرنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان باشقۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدار، تېخنىكا تىپىدىكى تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىش ئورۇنلىرىنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەر بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە پائال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىق زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پايدىلىق كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى تۈرتكە يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ھازىرلاش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللايدىغان سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىشنى زورايتىش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى تەرز قىلغان ھەر خىل قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەپ، ياخشى بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك. مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، مەخسۇس كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆز نامى بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى قىلىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر